مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.04.24 13:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى 23-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگودىن كەلگەن، پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ. قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىرىشىپ تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خوشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا، تاراتقۇلار ئىجابىي رول ئوينىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقى ھەرقايسى ئەل تاراتقۇلىرىنى قولايلىق ئالاقە، ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى كېڭەش ئورۇنلار يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋىي پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ