باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇ ئىش سىز ھەم مەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

2019.04.16 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەر بىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا قايسى قىلمىشلار دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن؟ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، شەخس يەنە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

  4-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىر بۇ سوئاللار توغرىسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى ئاسپىرانتلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىلمى پىروفېسسورى لى ۋېنلياڭنى زىيارەت قىلدى.

  بۇ خىل ئەھۋالدىن ئېھتىيات قىلىڭ، توزاق يىراق بولمىغان جايدا بولۇشى مۇمكىن

  «ئىقتىسادىي سۇئال بولسىلا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» لى ۋېنلياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت مەمۇرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەسىپ سەۋەبىدىن ئۇلار جەزمەن ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆپ ھاللاردا ئاۋۋال دوست تۇتۇش، ياردەم تەلەپ قىلىش شەكلى بىلەن دۆلەت مەمۇرلىرىنى ماتېرىيال، ھۆججەت قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ ئىقتىسادىي ھەق بېرىدۇ. «دەسلەپتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى بىر قىسىم ئاشكارا، ئادەتتىكى ئۇچۇر ماتېرىياللىرى بىلەن ھەقلىق تەمىنلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، كۆپ قېتىم باردى-كەلدى قىلغاندىن كېيىن، تەلەپنى ئۆستۈرۈپ، مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىدۇ.»

  ئۇزاقتىن بۇيان، پۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىش قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئادەتلەنگەن ۋاسىتە بولۇپ كەلدى، بىنورمال ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە دۇچ كەلگەندە، چوقۇم كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «دۆلەت مەمۇرلىرى بولۇپلا قالماستىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇنداق قىلىشى كېەك.» لى ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: «بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ شەكىلدە نامايان بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر قىسىم قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىدۇ، مەسىلەن، ھەربىي بازا قاتارلىق سەزگۈر سورۇنلارغا بېرىپ رەسىمگە تارتىش قاتارلىقلار ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىقتىسادىي ھەق بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، لى ۋېنلياڭ يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دۆلەت مەمۇرلىرى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قاتارلىق مۇئەييەن مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن كىشىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، « مۇناسىۋەتسىز سورۇنلاردا سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدە سۆزلىشىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر گۇمانلىق ئادەمگە يولۇققاندا، ئىككىلەنمەي دەرھال دۆلەت خەۋپسىزلىكى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش تېلېفونى 12399 غا تېلېفون قىلىش لازىم.»

  قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش

  خەلقئارا ئالاقىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەيلى دۆلەت مەمۇرلىرى بولسۇن ياكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بولسۇن چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، ئۆگىنىش قاتارلىق پۇرسەتلەر بولىدۇ، ئەمما نۇرغۇن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

  لى ۋېنلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن چەت ئەلدە شۇ جاينىڭ قانۇنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە رىئايە قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا باھانە تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئەگەر چەت ئەلدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياكى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، دەرھال ئالاقىدار ئاپپاراتلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا، چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراپ ياكى ئازدۇرۇلۇپ دۈشمەن تەشكىلاتى، جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىغا ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئەينەن چۈشەندۈرگەن ياكى چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ياكى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەھۋالنى ئەينەن چۈشەندۈرگەن ھەمدە توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغان بولسا، سۈرۈشتۈرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  «بۇ بىر قانۇن ئارقىلىق قۇتقۇزۇش يولى، ئەگەر چەت ئەلدە مۇناسىپ ئەھۋالغا يولۇققاندا، قانۇن ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، جانلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك.» لى ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: لېكىن، ناۋادا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، قانۇنى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەيلى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولسۇن-بولمىسۇن، ئوخشاشلا جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ.»

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى پۇقرالارنىڭ ساپاسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تۈزەشتىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»نىڭ 39-ماددىسىدا، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لى ۋېنلياڭ: «بۇ ھەر بىر ئاددىي ئادەمگە، بولۇپمۇ دۆلەت مەمۇرلىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ»-دېدى.

  نۇرغۇن كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا، دائىملىق، تۈزۈملەشكەن ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر.

  «ھۆكۈمەت خادىملىرى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قاتارلىق كىشىلەرگە ئۇزاق مۇددەت قاراتمىلىقى بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى پۇقرالارنىڭ ساپاسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ»-دېدى لى ۋېنلياڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر