باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، 996 خىزمەت تۈزۈمىنى بىكار قىلىش زۆرۈر

2019.04.16 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بەزى كارخانىلاردا يولغا قويۇلغان «996 خىزمەت تۈزۈمى» جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق قوزغىدى. «996 خىزمەت تۈزۈمى» − ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئىش ئورنىغا بېرىپ، كەچ سائەت 9 غىچە ئىشلەش، ھەر ھەپتىدە ئالتە كۈن خىزمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، «996 خىزمەت تۈزۈمى» نىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 72 سائەتكە يېتىدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە ئىش ۋاقتى 44 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتىنى ھەر كۈنى ئۈچ سائەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، لېكىن ھەر ئايدا 36 سائەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. روشەنكى، «996 خىزمەت تۈزۈمى» ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ.

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۈرەش روھىغا موھتاج. بۇ جەھەتتە پۈتكۈل جەمئىيەت يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئالدىراش سىماسى، جاپالىق قان تەرى بىلەن بۇ ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە. بىز قەدىرلەيدىغان كۈرەش ئەمگەكچىلەرنى ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ئەمگەك قىلدۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كۈرەش، كىشىلەرنىڭ كەسىپكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاساس قىلغان كۈرەش. ئەگەر ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە جىسمانىي-روھىي ساغلاملىقىغا سەل قارالسا، ھەتتا ئىشچى-خىزمەتچىلەر جاپا- مۇشەققەت تارتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنىمۇ ئالالمىسا، بەزى كارخانىلار مەجبۇرىي يولغا قويغان «996 خىزمەت تۈزۈمى» دەل سالامەتلىكنى، كەلگۈسىنى خورىتىش ھېسابلىنىدۇ، بۇ دەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىك، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش روھىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىق بولىدۇ.

  ئەمگەكچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش − كۈرەش قىلغۇچىلارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەڭ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر