باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بۇلغارىيە زۇڭلىسى ۋە كرودىيە زۇڭلىسى بىلەن بىرلىكتە «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

2019.04.15 14:42   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ بۇلغارىيە زۇڭلىسى ۋە كرودىيە زۇڭلىسى بىلەن بىرلىكتە «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ دۇبروۋنىكتا 8- قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بۇلغارىيە زۇڭلىسى باۋرىسوف ۋە كرودىيە زۇڭلىسى پرېنكوۋىچ بىلەن بىرلىكتە «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ، «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى» بولسا، بۇلتۇرقى سوفىيە ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا «16 + 1» رامكىسىدىكى بىر يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى» بولسا، ھۆكۈمەت دائىرىسىز ۋە پايدا ئالمايدىغان ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇ ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «16 + 1 ھەمكارلىقى»نىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسەت ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ھەمدە ئەقلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ .

  لى كېچياڭ 2018- يىلى 7- ئايدا سوفىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان 7- قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا، بۇلغارىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ ۋە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نى تەسىس قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەمكارلىققا قاتناشقان ھۆكۈمەت سۇبيېكتى ۋە كارخانا سۇبيېكتىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدى، ھەمدە سىرتقا قارىتا «16 + 1 ھەمكارلىقى»نىڭ ئېچىۋېتىلىشى، باراۋەر بولۇش، ئادىل ۋە ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. بۇ تەشەببۇس شۇ چاغدا يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇلغارىيەدە «16 + 1 دۇنيا ھەمراھلىق مەركىزى»نى قۇرۇشقا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو ۋە بۇلغارىيە ئىككى تەرەپ باشلامچىلىق بىلەن مەركەزنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ
    ·ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسلىرى: ھەر قايسى ساھەلەردىكى رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، بىر بەلباغ ب…
    ·قازاقىستاندا 6- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئ…
    ·خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن …