- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېڭى تېخنىكا قوللىنىلىپ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەت تېخىمۇ ئېنىق بولدى
2019.04.15 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شى باۋسېن، دوتسېنت جۇ جىيۈەن قاتارلىق ئالىملار بىر خىل يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق جىسىمنىڭ ئىزناسى يورۇتۇلۇپ، سۈرەت تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلىپ، مۇھىم يوشۇرۇن قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىندى. خەلقئارا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «ئەمەلىي فىزىكا ئوبزورى» يېقىندا بۇ نەتىجىە ئېلان قىلىندى.
شى باۋسېن، جۇ جىيۈەن قاتارلىق ئالىملار ئۇزۇن مەزگىل سۈرەتنىڭ سىزىقسىز چاستوتا ئالماشتۇرۇشىغا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، يېقىندا ئۇلار چاستوتىدا تەسۋىر ھاسىل قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «قاينام نۇرى»نى ئەنئەنىۋى گائۇس پومپىسى نۇرىنىڭ ئورنىغا كىرگۈزۈپ، بىر خىل سىزىقسىز كىرىستالدىن پايدىلىنىپ چاستوتا ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ، جىسىمنىڭ ئىنفىرا نۇرلۇق سۈرەت تەسۋىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان دولقۇن بۆلىكىگە يۆتكەپ تەكشۈرۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىزنا كۈچەيتىش» ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ئەنئەنىۋى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تېخنىكىدا تارتىلغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەت دائىرىسى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئالاھىدىلىكىنى پەرق ئېتىش ئاسان، يەنە ئەڭ چوڭ كۆرۈش دائىرىسىنى 2.1 ھەسسە تەڭشىگىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېڭى تېخنىكا ئەنئەنىۋى مېتاسكوپقا سېلىشتۇرغاندا تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بىيولوگىيەلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش، مودېل پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىنفىرا نۇرلۇق يىراقتىن سېزىش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم يوشۇرۇن قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر