باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پىسخولوگلار شۇنى بايقىغانكى، كۈلۈمسىرەش دەرۋەقە كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىكەن، ئەمما قوشۇمىسىنى تۈرۈپ يۈرۈش كىشىنى قايغۇغا بەند قىلىدىكەن

2019.04.15 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تېننېسسى ئۇنىۋېرسىتېتى نوكسۋىل مەكتەپ رايونى تەتقىقاتچىلىرى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتتىن ھاسىل قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ، شۇنى بايقىغانكى، كۈلۈمسىرەش بىر خىل چىراي ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەڭ يېڭى بىر سانلىق ئامېرىكا «پىسخولوگىيە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى» ئايلىق ژۇرنىلىغا بېسىلغان.

  كۈلۈمسىرەش دەرۋەقە ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال قىلالامدۇ-يوق، بۇ ھەقتە پىسخولوگلاردا ئەزەلدىن تالاش-تارتىشلار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېدىتسىنا تېز خەۋەرلىرى تور بېكىتى 11- چېسلا تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلامچىسى نىكولاس كولسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بەزى تەتقىقاتلاردىن ھازىرچە چىراي ئىپادىسىنىڭ پىسخىكىلىق كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار تېخى تېپىلمىدى، ئەمما، بىز پەقەت بىرەر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگىلا دىققەت قىلىپ قالساق بولمايدۇ. پىسخولوگلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن بۇيان ئىزچىل رەۋىشتە بۇ نۇقتىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز بارلىق دەلىل-ئىسپاتلاردىن تولۇق پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  تەتقىقاتچىلار «يىغىپ تەھلىل قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيادىكى 138 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغان. بۇ، 11 مىڭدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىكەن. نەتىجىدە، چىراي ئىپادىسىنىڭ كەيپىياتقا ھەقىقەتەن «ئازغىنە تەسىرى» بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، كۈلۈمسىرەش ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىكەن، غەزەپ بىلەن قاراش ئادەمنى تېخىمۇ خاپا قىلىدىكەن، قوشۇمىسىنى تۈرۈش ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدىكەن.

  كولس مۇنداق دېگەن: خۇشاللىقنى ئىپادىلەش خۇشاللىقنى ھېس قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە زىچ ئەمەس. تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى، كىشىلەر پەقەت كۈلۈمسىرەشتىن ئىبارەت بۇ چىراي ئىپادىسىدىنلا خۇشال بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ تەتقىقات كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجىگە ئېرىشتى، چۈنكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلارنى بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قانداق قىلىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر