باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش

22- نۆۋەتلىك خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى باشلاندى

2019.04.15 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- نۆۋەتلىك خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى 12- چېسلا ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى. جۇڭگو-ئامېرىكا سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار سۆھبەت شەكلى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئائىت قارالمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى.

  شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، نۇرغۇن مېھمانلارنىڭ تەبرىك سۆزلىرىنىڭ قاراتمىىى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مەركەزلەشتى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى فېيجېڭچىڭ جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇڭ يىمىڭ (ئىنگلىزچە ئىسمى مايكىل سېنى) مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەككە ۋە ئابستراكت مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى كۆپ قاتلاملىققا ئىگە ۋە ئەمەلىي مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئارا ئالماشتۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئالاقىنى كۆپەيتىپ، بىر-بىرىنى خاتا چۈشىنىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستېفېن ئورېنس سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتىمەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇق ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر قاتارلىق مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كەم بولسا بولمايدۇ .

  خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جياروڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مۇنبەر «دۇنيا بىلەن تەقدىرداش» دېگەننى باش تېما قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر شارى رىقابىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇڭا بۇ مۇنبەر ئەلۋەتتە ھەر ساھە زاتلىرىنى سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، تاشقى دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى 1998- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا، سىياسىي ساھە، سودا ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلارنى جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە پۇرسەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر ئۈچ كۈن داۋاملاشتى، بۇنىڭدا 11 تارماق مۇنبەر تەسىس قىلىندى، مۇھاكىمە تېمىسى بولسا، جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبەت كۆۋرۈكىنى قۇرۇش، جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، جۇڭگو مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە يېڭى كۆڭۈل ئېچىش ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر