- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ زىۋىزدىچ بىلەن كۆرۈشتى
2019.04.15 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن دوبروۋنىكتا بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى زىۋىزدىچ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى. ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلىدى، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى تەڭبەھىرلىنىپ، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزلىنىپ، بازار قائىدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمىز. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ بازارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ.
زىۋىزدىچ مۇنداق دېدى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. «1+16 ھەمكارلىقى» مۇھىم سۇپا بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا جۇڭگوغا ئەۋزەل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئېكىسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، پەن-تېخنىكا باغچا رايونى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پىششىقلاش، ياسمىچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر