باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ رۇمىنىيە زۇڭلىسى دەنسىلا بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.15 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن دۇبروۋنىكتا رۇمىنىيە زۇڭلىسى دەنسىلا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن رۇمىنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو رۇمىنىيە بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ يادرو ئېنېرگىيەسى، چوڭ تۈرلەر، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، جۇڭيى دورىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئوچۇق، ئېنىق ئۇسۇل ئارقىلىق رۇمىنىيەنىڭ تۈرلەرگە خېرىدار چاقىرىشىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. رۇمىنىيەدىن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسىدا، رۇمىنىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  دەنسىلا مۇنداق دېدى: بۇ يىل-رۇمىنىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. رۇمىنىيە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، جۇڭيى دورىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇمىنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سۈپىتىدە، پائال تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر