باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

125-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

2019.04.16 15:33   مەنبە: خەلق تورى

125-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىدە كېڭەشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 125-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى (گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى) 15-ئاپرېل گۇاڭجۇدا باشلاندى، كۆرگەزمە كۆلىمى مۇقىم بولدى ھەمدە ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلىق رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون كارخانىلىرى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە سۇبيېكتى بولدى.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئۈچ قارارغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلدى، 1-، 3- قاراردا ئىمپورت كۆرگەزمىسى داۋاملىق تەسىس قىلىندى.

  گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالتە مەھسۇلات رايونى تەسىس قىلىندى، 1000 كۆرگەزمە ئورنى بار بولۇپ، جەمئىي 38 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 650 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، 10 دۆلەت ۋە رايوننىڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ
    ·ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسلىرى: ھەر قايسى ساھەلەردىكى رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، بىر بەلباغ ب…
    ·قازاقىستاندا 6- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئ…
    ·خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن …