شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.28 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- چېسلا خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا، مېنىڭ ئىتالىيەدە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، قىزغىن قارشى ئېلىشقا ۋە ئەتراپلىق كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن ئىتالىيەدىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدلىرى ۋە ئىتالىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئىلگىرى جۇڭگودىن ئېقىپ كېتىپ كېيىن تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن 700دىن ئارتۇق جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشنى جاكارلىغانلىقى جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئالاقىدار كۆرگەزمە ھازىر جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇدى.جۇڭگو يەنىلا ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە پەن ـ تېخنىكا، ھەمدە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلىرىنى قولغان كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئۇلارنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە داۋاملىق تۈردە جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشى كېرەك. مەن ئىتالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ