خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- چېسلا بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
مۇراسىم مەيدانى تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتقا تولغاى بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مەيدانغا كىرگەندە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قىزغىن ئالقىشلارنى ياڭرىتىشتى. ئوركېستىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى .
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇلى مەدھىيە سۆزى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش قارارىنى ئوقۇدى ھەمدە پۇتىنغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى