دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدۇر. 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلۇقتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسى، ھەمكارلىق سەۋىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى قاتارلىقلار ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر جۈپ چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئايلاندى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇلغان بۇ پەيتتە، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى