خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، جۇڭگونىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
4- ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە « "بىر بەلباغ، بىر يول"نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىر نىيەتتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەك قۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېچىۋېتىش، يېشىل مۇھىت ۋە پاكلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ۋە سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
جۇڭگو بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە چەت ئەل مەبلىغى بازىرىغا بولغان ئىجازەتنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- چېسلا بېيجىڭدا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە « "بىر بەلباغ، بىر يول"نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىر نىيەتتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەك قۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېچىۋېتىش، يېشىل مۇھىت ۋە پاكلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ۋە سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە چەت ئەل مەبلىغى بازىرىغا بولغان ئىجازەتنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى