باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلىغاندا چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇش يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈنئەكس تەسىرى بولىدۇ

2019.04.25 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى ياردەم بەرگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئائۇستىن شۆبە مەكتىپى ۋە غەربىي ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ نېرۋا ئالىملىرى، كېچىدىكى ئاق نۇر (ئادەتتە كېسەلخانىدىكى نۇر)نىڭ ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىقلارغا ئەكس تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .

  تەتقىقات ئۆمىكى ئالدى بىلەن ھايۋاناتنى مودېل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ ھايۋانلاردا يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى توختىتىش سىنىقىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ گۇرۇپپا سىناق ئوبيېكتىنى قاراڭغۇ قىزىل نۇرلۇق، غۇۋا ئاق نۇرلۇق ۋە نۇرسىز قاراڭغۇ دېگەندەك ئۈچ خىل شارائىتلىق كېچىلەردە تۇرغۇزغان. يەتە ئاخشامدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالىغان. نەتىجىدە، كېچىدە ئاق نۇر ئاستىدا تۇرغانلىرىدا كۆپ خىل ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان، ھەمدە كېچىدە ئاق نۇر بىلەن ئۇچراشقان ئاشۇ بىر گۇرۇپپا سىناق ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان؛ ئەمما قىزىل نۇرلۇق شارائىتتا تۇرغان گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن قاراڭغۇدا تۇرغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە پەرق بولمىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كېچىدە ئاق نۇر ئاستىدا تۇرسا، سەقەنقۇر تەنچىسى (يەنى چوڭ مېڭىدىكى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان قىسىم)غا تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدىكەن.

  «نېرۋا كېسەللىكلىرى تەجرىبىسى ئىلمى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، كېچىدىكى چىراغ نۇرىنىڭ رەڭگىنى كەڭ ئاق رەڭدىن قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتىپ قويسا ياكى چىراغنى تولۇق ئۆچۈرۈۋەتسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىتار بولۇشنىڭ ياكى ئۇنىڭ كۈچىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىسى ھايۋاناتلاردىن كەلگەن، ئەمما ئەگەر كەلگۈسىدىكى تەتقىقات بۇ يەكۈنگە ئوخشاشلا كىلىنىكىلىق داۋالاشتىكى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرېلسە، بۇ، بالنىستا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنى يۈرەك سوقۇشى توختاپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر