باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تورى ئوبزورى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئائىت ئۇلۇغ باياننى داۋاملىق يازايلى

2019.04.24 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگودىن كەلگەن، ئۇنىڭدىن كەلگەن پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ." 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش ھارپىسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى 23- ئاپرېل بېيجىڭ خەلق گېزىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تاراتقۇلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.

  بۇ، بىر مەيدان ئۇلۇغ باياندۇر. 2013- يىلدىكى ئالتۇن كۈزنى ئەسلەپ ئۆتسەك، رەئىس شى جىنپىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» قۇرۇش زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ يەنشى كۆلىدىن لوندون پۇل مۇئامىلە شەھىرىگىچە، خەينەن بوئاۋدىن ب د ت جەنۋە باش ئىشتابىغىچە، ھىندونېزىيە پارلامېنتىدىن بريۇژ ياۋروپا ئىنستىتۇتىغىچە. . . «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىش ساداسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياڭرىدى.

  بۇ بىر تەرەققىياتنىڭ تومۇرىدۇر. يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھىرىدە، فىرانسىيەنىڭ قىزىل ھارىقى، چېخنىڭ خىرۇستاللىرى، پولشانىڭ سۈتى ۋە رۇمىنىيەنىڭ ھەسىلى قاتارلىقلار نېمە دېسە شۇ بار؛ گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم كونتېينېرغا قاچىلانغان ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو-گوللاندىيە ھەتتا جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، جۇڭگو بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال سودىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق قۇرغان چېگرا سىرتىدىكى 82 ھەمكارلىق رايونى شۇ جايغا 300 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن. بۇ سانلارنىڭ كەينىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپلەر، ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان ئەشيا ئوبوروتى ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار بولۇپ، ئۇلار تەرەققىياتنىڭ مەخپىي نومۇرى ۋە گۈللەنگەن گېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

  بۇ بىر ھەمكارلىق سەھنىسىدۇر. قازاقىستاننىڭ «پارلاق يولى»نى ۋە پولشانىڭ «كەھرىۋا يولى»نى تۇتاشتۇرۇپ، ۋىيېتنامنىڭ «ئىككى كارىدور، بىر ئايلانما يولى»غا كىرگۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030 ئارزۇ»سىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەنگلىيەنىڭ «ئەنگلىيە شىمالىي ئىقتىساد مەركىزى»گە تەسىر كۆرسەتتى . . . « بىر بەلباغ ، بىر يول» خۇددى بىر قان تومۇرغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېچىۋېتىش ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىنتىلىش قىلىش، مەبلەغ، تېخنىكا ۋە خادىم قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تاۋار، بايلىق ۋە نەتىجە قاتارلىقلارنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋەئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر