شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.29 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل خەلق سارىيىدا قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەزەربايېۋ ئەپەندى قازاقىستاننىڭ دۆلەت باشلىقى ۋە مىللىي داھىيسى بولۇپ، قازاقىستاننىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، قازاقىستان مىللىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، سۆز قىلدى، ئەخلاق تىكلىدى، شۇنداقلا جۇڭگو-قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمىز. جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى 27 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخىي سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ