شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2019.04.29 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 28-ئاپرېل بېيجىڭنىڭ يەنچىڭدا 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كەچ سائەت 7لەردە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى كىرىش زالىدا چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىلىق فىلىمىنى كۆردى ۋە يېشىللىققا تولغان دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باش تېما تېمى ئالدىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو سارىيى قويۇق يەرلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، گۈزەل باغۋەنچىلىك ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى مۇجەسسەملەپ، بىزنى گۈزەل باغۋەنچىلىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يېشىل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە باغۋەنلەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتىنى توختىماي ماختاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەڭگارەڭ گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن بىللە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىغا كەلدى. ئۇلار تەرتىپ بويىچە كامبودژا، چېخ، جىبۇتى، قىرغىزىستان، بىرما، نېپال، پاكىستان، ياپونىيە، سىنگاپور ۋە تاجىكىستاننىڭ گۈللۈكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئون دۆلەتنىڭ گۈللۈكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۈلى، خاس گۈل-گىياھ لايىھەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق گۇمانىتارلىق مەنزىرىسى ۋە تەبىئىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى دۇنيا خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كاتتا مەرىكىنىڭ سىمۋولى. چەت ئەللىك مېھمانلار جۇڭگونىڭ ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ