پېڭ لىيۈەن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ جورىلىرىنى جۇڭگو سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلدى

2019.04.29 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 27- چېسلا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ جورىلىرىنى جۇڭگو كۇنچۈ تىياتىرى ۋە بېيجىڭ تىياتىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. چىلى زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى مورېر، سىپرۇس زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئاندرېي، چېخ زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى زېماننوۋا، موزامبىك زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئىشورا، فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ جورىسى ئەيفەنشىنا، ئېفىئوپىيە زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى چىناش، مالايسىيا زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى خاسما، سىنگاپور زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى خې جىڭ، تايلاند زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى ناراپون ۋە ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى مۇفىدا قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ