باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى شىنجاڭغا كېلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالىدى، چارلاپ تەكشۈردى

2019.04.29 09:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 5- تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يى جۈن گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 5- تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەم شۇ كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا يى جۈن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى» «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتىكى مۇھىم، زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى» «ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى» «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تۈزۈمى» ۋە يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش تەپسىلىي قائىدىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقەلەرنى قەتئىي توسۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ساقلىدى. 2018- يىلى ئاپتونوم رايون ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، بىرقەدەر چوڭ ۋەقەلەردە «ئىككى خانىلىق سان بويىچە تۆۋەنلەش»، 1000 كۈندە بىر قېتىمدا ئوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئېغىر، پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقە يۈزبەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر