- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى لۇ شياۋلىن
2019.04.29 16:53 مەنبە: خەلق تورى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى . بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىسمەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىسمەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى سىياسەت ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. 28-كۈنى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
سوئال: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قايسى ئەسكەرلەر «پىكىر»نىڭ كاپالەت دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئاساسلىقى 2011-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەينى چاغدىكى دۆلەت قاتلىمىدا بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە، كەسىپ ئالماشتۇرغان پىدائىي ئەسكەرلەر (كەنجى ئوفىتسېرلار) ۋە شەھەر-بازارلاردىكى مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر قاتارلىق خادىملارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاللىغان خادىملاردىن يەرلىككە قايتقاندىن كېيىن، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولمىغانلىرى بۇ سىياسەت كاپالىتى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
سوئال: تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋاقتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
جاۋاب: سىياسەت كاپالىتى كاتېگورىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار ھەربىي سەپكە كىرگەندە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، ھەربىي سەپكە كىرگەن ۋاقتى تۇنجى قېتىم سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بۇ خادىملارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
سوئال: ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتا قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بولسا، ھەربىيلىك ئىستاژى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى دەپ قارىلىدۇ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتا قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، دۆلەت ھەربىيلەرگە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بەرگەنلەرگە قارىتا، ھەربىيلىك ئىستاژى بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سوئال: تولۇقلاپ تاپشۇرۇش يىل چېكى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: سىياسەت كاپالىتى كاتېگورىيىسىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالغانلىرىنىڭ ھەربىيلىك ئىستاژىدىن ئېشىپ كەتمىگەن يىل چېكى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرسا ھەمدە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
سوئال: ھەقنى كىم تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ ؟
جاۋاب: بەلگىلىمە بويىچە، سىياسەت كاپالىتى كاتېگورىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قىسمىنى ئەسلىي ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر ھەق تاپشۇرغان قىسمىنى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدۇ.
سوئال: ئورۇن ۋە شەخسلەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ئەسلىي ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن مەۋجۇت بولمىسا ياكى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، ئەسلىي ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق مەۋجۇت بولمىسا ياكى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى مالىيە مەبلىغىنى ھەل قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا يەرلىك ھۆكۈمەت شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىدۇ. ھۆكۈمەت تولۇقلاپ تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆزىنىڭ ھەربىيلىك ئىستاژىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
سوئال: تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى قانداق بېجىرىدۇ؟
جاۋاب: سىياسەت كاپالىتى كاتېگورىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئالاقىدار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ، ھەربىيلىك ئىستاژىنى تىزىملىتىپ ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى (ياكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي)دىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئالاقىدار قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىغا ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بېجىرىدۇ.
سوئال: تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا تەمىنات ئېلىش شەرتىگە يەتمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: «پىكىر»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى __ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى بويىچە، كاپالەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىغا ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۆھپىسىگە بولغان تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەت كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
بىرىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا جەمئىي ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى (ھەربىيلىك ئىستاژنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتمىگەن بولسا، ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى بەش يىل ئۇزارتىلغاندىن كېيىنمۇ دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتمىگەن بولسا، بىر قېتىمدىلا ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بويىچە ھەق تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى (ھەربىيلىك ئىستاژنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە يەتمىگەن بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكى بويىچە ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى قىسقا، نىسبەتەن ياش كىشىلەرگە قارىتا، دۆلەت جايلارنىڭ تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.
ئۈچىنچى، يېشى چوڭراق، يار- يۆلەك بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەردىن شەرتكە توشىدىغانلىرى ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت سېتىۋالغان جامائەت مۇلازىمىتى ئورنى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن قانۇن بويىچە ئۇلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر