مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مياۋ رۇيلىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2019.04.29 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مياۋ رۇيلىننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، مياۋ رۇيلىن غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە ئېڭى يوق، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتناشقان مەزگىلدە يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا ياردەم بەرگەن ھەمدە زور سوممىلىق پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازارغا سېلىنمايدىغان شىركەت پېيىغا ئىگە بولغان؛ ئۆي تەقسىم قىلىش جەريانىدا دۆلەت مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەن؛ ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىپ، تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، ھوقۇق-سەتەڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.

  مياۋ رۇيلىن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مياۋ رۇيلىنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك 13- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، نەنجىڭ شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ