ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆچەت تىكىش بايرىمى نەق مەيدانى (ماتېرىيال سۈرەت)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شيا): 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيە باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 767 مىڭ مو يەرنى ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىلىپ بولغان، بۇ، يىللىق پىلاندىكى 2 مىليون مونىڭ %38.4ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 49 مىڭ مو ئارتۇق بولغان. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بويىچە 3 مىليون 981 مىڭ 600 تۈپ كۆچەت تىكىلىپ، 398 مىڭ ئادەم قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا بىرلەشتۈرۈپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، تۈرلۈك تاراتقۇلار كۆكەرتىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات پروگراممىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم باسقان، تارقاتقان. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئۇچۇرىدىن 20 مىليوندىن ئارتۇقنى تارقاتقان؛ جۇڭگو پوچتىسى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تېمىسىدىكى ئېلاندىن 2000دىن ئارتۇقنى بېسىپ چاپلىغان، «جۇڭگو كۆچەت تىكىش بايرىمى» خاتىرە پوچتا ماركىسىدىن 300 مىڭ تال، تۇنجى قېتىملىق يېڭى ماركا چاپلانغان كونۋېرتتىن 150 نەچچە يۈرۈش تارقىتىلغان. ئۇدا داۋاملاشقان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تەشۋىقات پائالىيىتى ھەرقايسى جايلاردىكى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان.
بۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى يەنە يېزا-كەنتلەرنىڭ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۆلچىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت-بازارلارنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن ھەمدە شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىدىكەن.