باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېينىڭ ۋۇخەندە 16 پوسۇلكا ئىچىدىكى «LV, YSL» تاۋار ماركىسىنىڭ ھەممىسى يالغان چىقتى

2019.04.28 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن 16 پوسۇلكا ئىچىدىكى L V ، Y S L قاتارلىق نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ، ئالتە تاۋار ماركىسى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان. بۇ، ۋۇخەن تاموژنىسى 2018-يىلى قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ چوڭ ساختا تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.

  ۋۇخەن شەھىرى يېقىندا 2019-يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا 2018-يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدا ۋۇخەن تاموژنىسىنىڭ پوچتا ئىدارىسىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئەۋەتكۈچى «ZHOUCHANG»نىڭ فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن 16 پوسۇلكىسىنى تەكشۈرگەندە، ئىچىدە «LV» قول سومكىسىدىن 80ى، «MK» قول سومكىسىدىن 28ى، «YSL» قول سومكىسىدىن 10ى، « تىمساھ» مايكىسىدىن توققۇزى، «BOSS» مايكىسىدىن تۆتى، «POLO» ئىچ كىيىمىدىن 15ى بايقالغان. «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاموژنا قوغداش سىستېمىسى» ئىچىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ تاۋارلار ئالتە ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان.

  ۋۇخەن تاموژنىسىنىڭ پوچتىخانىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى دەرھال ئالاقىدار ھوقۇقلۇق كىشىلەرگە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى، ئالتە ھوقۇقلۇق كىشىلەر يازما جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھوقۇقلۇق كىشىلەر تەمىنلىگەن دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنىڭ بازار باھاسىغا ئاساسەن، قىممىتى جەمئىي 1 مىليون 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دەپ بېكىتىلدى. 2018-يىلى 3-ئايدا بۇ دېلو جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئۇنسۇرلار ئىلگىرىكى مال توشۇش يوللىرى ئارقىلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ماللارنى ئېكسپورت قىلىش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، توپنى پارچە قىلىش، چۈمۈلىلەرنىڭ ئۆي كۆچۈشى ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ماللارنى قايتىدىن شەخسىي بۇيۇم قىلىپ ئۆزگەرتىپ، پوچتا يولى ئارقىلىق تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭدىن باشقا توققۇز تىپىك دېلو مىسالى: خۇ × × قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ BOSCH، VWAG قاتارلىق رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش دېلوسى، مەلۇم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى (خۇبېي) شىركىتى بىلەن خۇبېي مەلۇم چەكلىك شىركىتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسى دېلوسى، جوۋ كۇ مەلۇم ئويۇن قويۇش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى ۋۇخەن مەلۇم سۇ جانلىقلىرى شىركىتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسى دېلوسى، خۇاڭ × نىڭ ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى سېتىش گۇمانلىق دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر