باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ يۈشىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2019.04.28 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ يۈشىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  پېڭ يۈشىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  پېڭ يۈشىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەننىڭ چيەنۋېي ناھىيەسىدىن، 1995-يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1985-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، فىرانسىيە كيۇرى ئۇنىۋېرسىتېتى (پارىژ 6-ئۇنىۋېرسىتېتى) يۇقىرى مولېكۇلا ماتېرىيال كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەبىئىي پەن دوكتورى، تەتقىقاتچى.

  ھازىر سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى.

  2013-يىلى 11-ئايدىن 2015- يىلى 6-ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى نېيجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2015-يىلى 6-ئايدىن 2017- يىلى 9-ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو (ميەنياڭ) پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017-يىلى 9-ئايدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ميەنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو (ميەنياڭ) پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017-يىلى 11-ئايدىن 2017- يىلى 12-ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ميەنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو ( ميەنياڭ ) پەن - تېخنىكا شەھىرى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017-يىلى 12-ئايدىن 2018- يىلى 10-ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2018-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 1-مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 10-، 11-نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك 12-، 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر