باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سىگنالنى ئېلان قىلدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، دېدى

2019.04.28 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج خ مىنىستىرلىقى 27- چېسلا «1- ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، دەم ئېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قەدەر چوڭ ھادىسە كۆپ يۈز بەردى .

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى «1- ماي» مەزگىلىدىكى يول قاتناش ھادىسىسى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دەم ئېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن كەچ سائەت 20 دىن 21 گىچە بولغان ئارىلىقتا ھادىسە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان؛ ئوتتۇرا جەنۇب ۋە شەرقىي جۇڭگو رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا جەنۇب رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە؛ يېزىلاردىكى يول ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلار ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %45ىنى ئىگىلىدى؛ شەخسىي ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلىدا ھادىسە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ، يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھادىسە تۇغدۇرۇشى ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى پۈتۈن يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولدى؛ بەلگىلىمە بويىچە يول بېرىش قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق، كىنىشكىسىز ھەيدەش ۋە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىش بولسا، ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا.

  جەزىملەشتۈرۈپ بېكىتكەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل «1- ماي» مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى تۆۋەندىكىدەك بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كەلگەن: بىرىنچىسى، نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئاشقان. ئىككىنچىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قاتناش ئېقىم مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولدى. ئۈچىنچىسى، يېزا رايونلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۆتىنچىسى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھادىسە خەۋپ-خەتىرى زورىيىۋاتىدۇ. بەشىنچىسى، يامغۇرلۇق ھاۋارايى قىسمەن رايونلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز بولغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر