باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

(پەننى ئومۇملاشتۇرۇش) 60 سېكۇنتتا دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ قانداق پائالىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىش

2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى 29-ئاپرېل باشلىنىدۇ

2019.04.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-سوئال: دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟

  دۇنيا باغۋەنچىلىك جەمئىيىتى خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى (AIPH) تەستىقلىغان خەلقئارالىق باغۋەنچىلىك كاتتا يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باغۋەنچىلىك ساھەسىدىكى سودا ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  2-سوئال: دۇنيا باغۋەنچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئارقىسىدا قايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بار؟

  خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى (AIPH) ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان؛ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسى (BIE) ھۆكۈمەتلەر ئارا تۈرلۈك دۇنيا يەرمەنكىسى ۋە كەسپىي كۆرگەزمىنى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە تەستىقلاشقا مەسئۇل خەلقئارا تەشكىلات.

  3-سوئال: دۇنيا باغۋەنچىلىكى قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟

  يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش مۇددىتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانى، يەرمەنكىگە قاتنىشىش كۆلىمى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، دۇنيا باغچەنچىلىكى A 1،B ،C ، Dدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە A 1 تۈرى خەلقئارالىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دۇنيا باغۋەنچىلىكى بولۇپ، A I P H (خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى) ۋە B I E (خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسى)نىڭ قوش باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، B ،C ، D تۈرىدىكىلەرنى پەقەت A I P H باشقۇرىدۇ.

  4-سوئال: دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى بىلەن دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

  دۇنيا يەرمەنكىسى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، رويخەتكە ئالدۇرغان تۈر، يەنى ئۇنىۋېرسال دۇنيا يەرمەنكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى مۇشۇ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەنە بىرى، ئېتىراپ قىلىش تۈرى، يەنى كەسپىي دۇنيا يەرمەنكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، 2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى بۇ تۈردىكى دۇنيا يەرمەنكىسىگە تەۋە. يەنى A 1 تۈردىكى دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى B I E ئېتىراپ قىلغان كەسپىي تۈردىكى دۇنيا يەرمەنكىسى.

  5-سوئال: بۇرۇنقى ھەر نۆۋەتلىك A 1 تۈردىكى دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى قايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن؟

  1960-يىلى 1-نۆۋەتلىك دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. ھازىرغا قەدەر، دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى 37 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە A 1 تۈرى 21 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.

  6-سوئال: جۇڭگو قايسى دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ باققان؟

  1999-يىللىق كۇنمىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، 20 يىلدا جۇڭگو جەمئىي توققۇز نۆۋەتلىك دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزدى! بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى 1999-يىللىق كۇنمىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ 2-قېتىم A 1 تۈردىكى دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  7-سوئال: جۇڭگو نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىدۇ؟

  «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش؛ خەلقئارا ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر