ۋاڭ چىشەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.28 13:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 27- چېسلا دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى .

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان بولسا، جۇڭگونىڭ بىردىنبىر دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىدۇر، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ئاساسى چوڭقۇر، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇق، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئالدىن يولغا قويۇش ۋە ئالدىن سىناق قىلىشتىكى مۇھىم تۈرى بولغان جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدا دەسلەپكى مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى بولسا، باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى ئەللەرگە قاراتقان دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقلاردا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .

  ئىمرانخان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دائىرىسى كەڭ، كۆلىمى ۋە تەسىرى زور بولدى. پاكىستانمۇ جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىن ئىبارەت بۇ «بىر بەلباغ بىر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم تۈرنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، پاكىستانـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ