- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
2019.04.28 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى ياخشى بولۇپ، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئازراق ئاشقان.
بۇ يىل 1-پەسىلدىن بۇيان، تۈرلۈك كرېدىتنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 449 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 17 مىليارد 470 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئېشىپ، ئۇدا 12 ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق ئېشىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 306 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 7 مىليارد 950 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.5 ئاشتى.
3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قەرز پۇل قالدۇقى 424 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليارد 410 مىليون يۈەن كۆپەيدى؛ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى 703 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر