خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ «سۈت تاۋۇز»ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شى 29-تۈەن 8-ليەن پارنىكىنىڭ مول سېلىن تاۋۇزى پىشىپ، كۆپلىگەن ساياھەتچىنى بېرىپ ئۈزۈپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
4-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇن ناھىيەسى شياشياڭ يېزىسى نەنخۇ كەنتىدە دۇڭ شۇاڭشۇاڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىغا تېرىغان «سۈت تاۋۇز»ىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى، كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى دۇڭ يۆچياڭ ساياھەتچىلەرگە تاۋۇز ئۈزۈش ماھارىتىنى چۈشەندۈردى.
دۇڭ يۆچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تاۋۇزلار تېرىشتىن تارتىپ ئۈزۈشكىچە ئۈچ قېتىم سۈت بىلەن سۇغىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاۋۇزنىڭ چۈرۈكلۈك دەرىجىسى، قەنت تەركىبى ئاشۇرۇلىدۇ، شۇڭا «سۈت تاۋۇز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يىل ئۇ 15 پارنىكقا «سۈت تاۋۇز»ى تېرىدى، بۇنىڭ كۆپ قىسمى زاكاز قىلىنىپ شاڭخەي، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۈەن 2-شى 29-تۈەن-مەيدان 8-ليەنىنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقى بازىسىدىكى تاۋۇزلارمۇ پىشىپ يېتىلدى (رەسىمدىكىدەك)، نۇرغۇن سودىگەر ئىشىك ئالدىغا بېرىپ توختام تۈزۈپ، زاكاز قىلدى. بۇ يەردە ئادەتتىكى تاۋۇز، مول سېلىنلىق تاۋۇز ۋە كىملىكى بار تاۋۇز تېرىلىدۇ، ئاساسلىقى كورلا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى تاللا بازىرى، بازارلار، مېۋە-چېۋە توپ سېتىش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى