بېلارۇسىيەدە چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 33 يىللىقى خاتىرىلەندى

2019.04.28 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكتا، كىشىلەر چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئورنىدا گۈل تەقدىم قىلماقتا.

  شۇ كۈنى چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 33 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1986-يىلى 4- ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بېلارۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ، 30 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلۈپ، سەككىز توننىدىن ئارتۇق كۈچلۈك رادىياتسىيەلىك ماددا ئېقىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى بىۋاسىتە بۇلغىدى، 3 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى، بۇ ۋەقە ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ھادىسە بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ