گۈيجۇنىڭ ۋۇيىڭ مياۋجەي كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى شال مايسىسى كۆچۈرمەكتە (4-ئاينىڭ 18-كۈنى فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ۋۇيىڭ مياۋجەي كەنتى گۈيجۇ بىلەن گۇاڭشى چېگرالىنىدىغان دامياۋشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 140 ئائىلە، 600دىن ئارتۇق ئادەم بار. بۇنىڭ ئىچىدە 100 ئائىلە گۇاڭشى ليۇجۇ شەھىرى رۇڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى گەندۇڭ يېزىسى داڭچيۇ كەنتىگە تەۋە، 40 ئائىلە گۈيجۇ ئۆلكىسى سۇڭجياڭ ناھىيەسى سۈيلى ياۋزۇ-جۇاڭزۇ يېزىسى نەنسېن كەنتىگە تەۋە.
بۇ تاغلىق كەنت بولۇپ، يەر ئاز بولغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان ۋۇيىڭمياۋجەيدىكى ئامما كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 2-3 پۇڭ پەلەمپەي ئېتىزغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىپ كەلدى. كىشىلەر تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ۋۇيىڭمياۋجەيدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى، كىشىلەر مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مياۋزۇ ئاممىسى يەنىلا كۈن چىققاندا ئىشىكتىن چىقىپ، كۈن پاتقاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، چوڭقۇر سۆيىدىغان ھەر بىر سۇڭ يەردە تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى