«كەشتىچىلىك سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى رەڭلىك يولنى كەشتىلىدى

2019.04.29 15:08 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خورچىن ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى كەشتىچىلىك «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نىڭ ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

  تۇشېنيېتۇ ۋاڭفۇ كەشتىچىلىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل سەنئەت ھۈنىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خورچىن ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنى تۇشېنيېتۇ ۋاڭفۇ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى قېزىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا، كەشتىچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى قۇردى، شۇ جايدىكى نامرات ئاممىغا كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، ھازىرغىچە، خورچىن ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى 173 كەنتتە تەربىيەلەنگەن كەشتىچىلەرنىڭ سانى 14 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يىللىق سېتىش كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ