باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، سانجى، خوتەندە 1- نۆۋەتلىك تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەت قىلىش -يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

2019.04.29 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ رۈيلىن خەۋەر قىلىدۇ: نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدە 1- نۆۋەتلىك تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىكتىن ئىبارەت ئالتە تەرەپنى زىچ چۆرىدەپ، ناھىيە، يېزا - بازار(كوچا)، كەنت(مەھەللە)لەرگە يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، ماتېرىيال كۆرۈش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئەھۋالنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، قەتئىي ھالدا قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق ھەم «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇناسىۋەت تورى»نى قانۇن بويىچە، ئىنتىزام بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر