شى جىنپىڭ 2009- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە گۈزەل يەر شارىدىكى يۇرت-ماكان قۇرۇشنى تەكىتلىدى

2019.04.29 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- چېسلا بېيجىڭ يەنچىڭدا 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «يېشىل تۇرمۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ھەمدە سۆزىدە تەبىئەتكە ماسلىشىپ ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە يېشىل تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يەر شارى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىردىنبىر ماكانىدۇر. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە گۈزەل يەر شارى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كەچ سائەت 8 لەردە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ ھەمراھلىقىدا، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئەمدىلا تۈگەتكەن چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېلاي، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوف، نېپال زۇڭتۇڭى بەندالى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى توشىخىرو نىكەي قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرىدىن ئىبارەت ئەر-خوتۇنلار يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۈزەل جۇڭخۇا زېمىنى بولسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تايىنىدىغان ماكانى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاسمان بىلەن ئادەم بىرلەشكەن يۈكسەك ئىنتىلىشىنى ياراتتى. ھازىر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تەلپۈنىدىغان كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغ تېخىمۇ يېشىل ۋە سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ، كىشىلەر ئالدىدا ئۈزلۈكسىز نامايان بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئېكولوگىيە گۈللەشسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇم ئېلىش ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن بېلىق تۇتۇشتەك كونىچە تەرەققىيات ئۇسۇلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش بولسا، يېشىل تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەر شارى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىردىنبىر ماكانى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا تەڭ مېڭىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ