- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران ھەربىي تەرەپ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى
2019.04.30 17:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى باگارى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشنى كۆزلىمەيدۇ، ھورمۇز بوغۇزىدا ھەر كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن نۇرغۇن ماللار كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئىراننىڭ ماللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھورمۇز بوغۇزىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
باگارى مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار، ئىران دېڭىز بوغۇزىنى تاقاشنى خالىمايدۇ. بىراق، ئۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ: ئەگەر دۈشمەنلەر دۈشمەنلىك غەرىزىنى ئۆستۈرسە، بىزنىڭمۇ دېڭىز بوغۇزىنى قامال قىلىش ئىقتىدارىمىز بار دېدى.
ھورمۇز بوغۇزى مۇھىم يول بولۇپ، يەرشارىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر