باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ يۈن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2019.04.30 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ يۈننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، شىڭ يۈن غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئاينىپ كەتكەن؛ ئۇزاق مۇددەت ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە باشقىلارنىڭ غايەت زور مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان؛ كادىرلارنى زەربىدارلىق بىلەن ئۆستۈرۈپ، تەڭشەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئارىلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە ۋەزىپە ئۆتىگەن رايونلارنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچكۆزلۈك قىلىپ، زور سوممىلىق سوۋغات قوبۇل قىلىپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھوقۇق ۋە پۇل سودىسى قىلىشتىن ئەيمەنمىگەن؛ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، ھوقۇق- سەتەڭ، پۇل-سەتەڭ سودىسى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغان.

  شىڭ يۈن پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، شىڭ يۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتى بىكار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر