باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە داۋاملىق تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ

2019.04.30 17:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يېپىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى: «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى بارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگە پايدىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىنى پىلانلاپ بەردى، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە داۋاملىق تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  رۇسىيە قىزىل يۇلتۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە 283 تۈرلۈك ئەمەلىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى بارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگە پايدىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىنى پىلانلاپ بەرگەن.

  «رۇسىيە-24» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشنى ئۈمىد قىلغان.

  قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان تۇنجى زۇڭتۇڭ فوندى جەمئىيىتى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى رۇسلان ئىزىموف: «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى يېڭى ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنىڭ كۆپ تەرەپلىك سۇپىغا ئايلاندى دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر