باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئېچىلدى، 162 كۈن داۋاملىشىدىغان خەلقئارا باغۋەنچىلىك كاتتا كۆرگەزمىسى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

2019.04.30 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باغچا رايونىدا، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى دۇمباق ئويۇنى «دۇمباق ساداسى» باغچا رايونىغا خۇشاللىق قوشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 162 كۈن داۋاملىشىدىغان خەلقئارا باغۋەنچىلىك كاتتا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 800 دىن ئارتۇق كىشى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنىڭ تارىخىي پەيتىگە شاھىت بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر باغچىغا كىرىپ، بۇ قېتىمقى يېشىل كۆرگەزمىنى ھېس قىلدى.

  «يېشىل تۇرمۇش، گۈزەل يۇرت-ماكان» بۇ قېتىمقى دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، 110 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات، ئېلىمىزدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى قاتارلىقلارنىڭ 100دىن ئارتۇق ئۆزگىچە كۆرگەزمە باغچىسى كۆرگەزمە قىلىندى. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې داخۇا: «بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ھەم جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى يېشىل تەرەققىياتىنىڭ ئىسىم كارتىسى، ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېشىل ئارزۇسىنىڭ جەۋھىرى»-دېدى.بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باغچا رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى «بىر يۈرەك، ئىككى ئوق، ئۈچ بەلباغ، كۆپ رايون بولۇش»تىن ئىبارەت. جۇڭگو سارىيى، خەلقئارا ساراي، تۇرمۇش كەچۈرمىشى سارىيى، ئۆسۈملۈك سارىيى، ئويۇن قويۇش مەركىزىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاساسىي مەيدان سارىيى قەد كۆتۈرۈپ، ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى.

  مۇخبىر نەق مەيداندا جۇڭخۇا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە رايونىدىكى كەسىپداشلار مەيدانىدا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادىتى بولغان شىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى. خەلقئارا ساراينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا 100گە يېقىن ئورۇنلىغۇچى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى؛ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە رايونىدا بىرازىلىيە شادلىق ئۇسسۇلى قاتارلىق ئويۇنلار شادلىق كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى . . .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر