خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لېشى تورى 29-ئاپرېل كەچتە ئېلان چىقىرىپ، مەزكۇر شىركەت ۋە بىرىنچى چوڭ پايچىك جيا يۆتىڭنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ۋە 29- ئاپرېل ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، لېشى تورى ۋە جيا يۆتىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاشتىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئاكسىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بۇ شىركەت ۋە جيا يۆتىڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، بۇ شىركەت ۋە جيا يۆتىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ