باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 50 نەچچە ئاپتوموبىل بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 25 ئادەم يارىلاندى

2019.04.29 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە ساقچىلىرى 28-چېسلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيەنىڭ A71-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇرىنگېن ئىشتاتىدىكى بىر يول بۆلىكىدە، شۇ كۈنى 50 نەچچە ئاپتوموبىل بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 25 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 28-چېسلا چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە تۇرىنگېن ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا تۇيۇقسىز مۆلدۈر يېغىپ، يول تېيىلغاق بولغاچقا، A71-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تۇرىنگېن ئىشتاتىدىكى بىر يول بۆلىكىدە 50 نەچچە ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. گېرمانىيە ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىل بىلەن توشۇپ كەتتى. يول ئېغىر توسۇلۇپ قالغاچقا، ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلدا قاپسىلىپ قالغان كۆپلىگەن كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىلارنىڭ نەچچە سائەت قوش يۆنىلىشلىك يول يۈرۈشى چەكلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر