باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگولۇق ئىككى ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

2019.04.30 17:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ لاگوستىكى باش كونسۇلخانىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرغا كۆپ تەرەپلەرنىڭ تىرىشىش ئارقىلىق، يېقىندا نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئېبون ئىشتاتىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق خادىملار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى جۇڭگولۇق ئىشچىنىڭ بىخەتەر قۇتقۇزۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

  جۇڭگونىڭ لاگوستىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېكىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش دېلولىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، باش كونسۇلخانا رايوندىكى جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى قايتا باھالاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، جۇڭگولۇق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە تۈرىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلسە، لاگوستىكى باش كونسۇلخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر