شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.04.30 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- چېسلا خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىندۇر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكى گەۋدىلىك، مەنپەئەت ماسلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈكتۇر. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشۇپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو-پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىشلىرى كېرەك. جۇڭگو پورتۇگالىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قاراپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئادىمىيەت پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. تىنچ تەرەققىياتنى مەقسەت قىلىپ، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە مەيدان ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ