باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-ئايدا مەملىكەت بويىچە 5100دىن ئارتۇق كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبلىك بىر تەرەپ قىلىندى

2019.04.30 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3711ى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىپ، 5143 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3452 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بىلەن جازالانغان..

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 946سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 790ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 551ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 469ى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 366سى، ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 197سى، ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 90نى، ھۆكۈمەت پۇلىغا چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 7سى، باشقا مەسىلىلەر(نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى بەرگەن زىياپەتكە قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 295ى بار. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلارنىڭ دەرىجىسىدىن قارىغاندا، بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلار ئىچىدە، ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 70ى، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 513ى بار.

  2019-يىلدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 11819ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 16750 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 11907 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بىلەن جازالانغان.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانى، ھەرقايسى مەركەز كارخانىسى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتقان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر