باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىرىلانكا ئارمىيەسى تېررورچىلارنى ئېتىپ تاشلىدى

2019.04.29 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىرىلانكا ئارمىيەسى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقىي قىسىم ئۆلكىسىدە تېررورچىلار بىلەن ئېتىشىپ، ئىككى تېررورچىنى ئېتىۋەتتى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تېررورچىلارنىڭ سىرىلانكىدا 4-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش دېلوسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن. بۇندىن باشقا، ئېتىشقان جاينىڭ ئەتراپىدا يەنە ئۈچ قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان. ساقچىلار ئارقىدىن شەرقىي قىسىم ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار جايلىرىدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ھازىر ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ بۇ ئۈچ قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى بىلەن ئالاقىسى بار يوقلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.

  سرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنداق دېدى: ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىرىلانكا تەۋەسىدە ھازىر ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار 130دىن 140قىچە ئادەم بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر