خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، «سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلغان 10 يىل» چىفاڭ كوچىسىنىڭ 10 يىللىقى بەدىئى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ھەمدە «يىپەك يولىنىڭ بەدىئىي پۇرىقى- 1000 يىللىق تۈگۈن» قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئالاقە سەييارە كۆرگەزمىسى تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھازىرقى زامان سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم چىفاڭ كوچىسىدىكى سەنئەتكارلار 10 يىلدىن بۇيان ئىجاد قىلغان 140 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر، جۈملىدىن ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىم، جۇڭگوچە رەسىم، خەتتاتلىق، ساپال بۇيۇم سەنئىتى، ھەيكەلتىراشلىق، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاخىرلىشىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى بېرىپ ھەقسىز كۆرسە بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى