شى جىنپىڭ شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋرېر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.04.30 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- ئاپرېل خەلق سارىيىدا، شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋرېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. شۋېيتسارىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب ئەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نەزىرىنى نامايان قىلغان، شۇنداقلا شۋېيتسارىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-شۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەللەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بەلگە قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدۇر. جۇڭگو تەرەپ شۋېيتسارىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ