باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى

2019.04.29 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن چېكىنىدىغان بارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىدۇق، «ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغان» بۇ تەشكىلاتتىن بۈگۈندىن باشلاپ تەلتۆكۈس ئايرىلدۇق.

  ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو شۇ كۈنى تىۋىتتىردا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دېموكراتىيە پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلمايدىغان ئاتىكاچى تەشكىلات، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇستەملىكە تارمىقى». ۋېنېسۇئېلا ھەرقانداق جاھانگىرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانمايدۇ، شۇڭا بىز ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن خوشلاشتۇق، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيمىز.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىسى پايتەخت كاراكاستا چوڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر