شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى بەندارى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.04.30 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل خەلق سارىيىدا، نېپال زۇڭتۇڭى بەندارى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۆڭلى تۇتاش، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېپال تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، نېپال تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، نېپال تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو-نېپال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-نېپال چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نېپالنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيەسى، ياشلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو-نېپال دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو-نېپال دوستلۇق- ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ