باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«نام» ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى چارچاتماڭ (ياشلىق خاتىرىسى)

ۋاڭ لىڭياۋ

2019.05.05 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر قېتىم خىزمەت ئىزدەش پەسلىدە، «سىزگە قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى قانداق يېزىشنى ئۆگىتىمەن» دېگەن ھەر خىل تاكتىكىلار ھەر قايسى چوڭ خىزمەت ئىزدەش مۇنبىرىگە تارقىلىدۇ. بۇ «ھۇجۇم تاكتىكىسى»نىڭ تەسىرىدە، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىگە بەزى «ناملار»نى قوشىدىغان، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى «چىرايلىق» قىلىدىغان مودا يول پەيدا بولدى، ھەتتا بەزىلەر قىسقىچە تەرجىمىھالىنى «چىرايلىق» قىلىمەن دەپ ساختىپەزلىك قىلىپ، قالايمىقان توقۇپ چىقتى.

  بۇلار شۇنچە مۇھىممۇ؟ بۇ ناملار دەسلەپكى تەسىرات بولۇپ، بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئەمەلىي كۈچى مانا مەن دەپ چىقىدۇ، قارشى تەرەپ ھامان ئۇنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. دوستۇم بىلەن بۇ تېمىدا پاراڭلاشقاندا، دوستۇم كۈلۈپلا قويدى.

  ھەقىقەتەن شۇنداق. قەدىمكىلەرنىڭ نامى دۇرۇس بولسا، سۆزى راۋان بولىدۇ، ئىشمۇ پۈتىدۇ، دېگەن سۆزى بار. ئەكسىچە ئېيتقاندا، ناۋادا ئىشنى پۈتتۈرەلمەيدىغان ئادەم شۇ نامغا ئىگە بولۇۋالسىمۇ، ئۇ «نامى» تەبىئىيلا قۇرۇق نامغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەجىبا قۇرۇق قەغەز بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟

  ياشلار جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەمىشە ھەر خىل ناملارغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر يېنىكلىك ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىپ، «نام-ئاتاقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش» ئارقىلىق بىر خىل «ئادەم تەسىس قىلىش»نى بەرپا قىلىپ، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرۈشنى ئويلايدۇ؛ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، «نام-شۆھرەت»نى تېپىشقا ئالدىرايدۇ، بۇلار بەلكىم ئۆزىنى بىر مەھەل بەزلىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ، «ئاران چىققان ئادەم» غۇلاپ چۈشكەندە، ئىناۋىتىمۇ خوراپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نام توپلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەر بىر ئىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتتىكى ھەر بىر قولدىن ئۆتكەن خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش، مانا بۇ «يېڭىلمەس چارە»دۇر.

  قۇرۇق نام كىشىلەرگە ۋەدە بېرەلمەيدۇ، ھەقىقىي قىممىتى بار «نام»لارنىڭ ھەممىسى پۇختا كۈرەش قىلىشتىن بارلىققا كەلگەن. ئۆزىنى ئېنىق كۆرەلمىگەندە، قىسقىچە تەرجىمىھالىغا «بوش ئورۇن» قالدۇرۇش كېرەك، ئىقتىدار پەيدا بولغاندا، تەبىئىيلا كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر